تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1650962
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى يول تەكشۈرۈش نۇقتىمىزغا موتوسىكلېت بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماقچى بولغان بىر، جەنۇب تەرەپتىن سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان ئىككى بولۇپ جەمئىي پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.