ھاككارىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدىكى يول بويلىرىدا مىنا تەكشۈرۈش قىسىملىرىغا ئىران تەۋەلىكىدىن قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىغا قارىتا قايتۇرما ھەرىكەت قوللاندى.

1650084
ھاككارىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدىكى يول بويلىرىدا مىنا تەكشۈرۈش قىسىملىرىغا ئىران تەۋەلىكىدىن قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىغا قارىتا قايتۇرما ھەرىكەت قوللىنىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ھاككارى يۈكسەكئوۋادىكى بېتون تام سېلىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يول تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە مىنا تازىلاش قىسىملىرىمىزغا ئىران تەۋەلىكىدىن راكېتا ئېتىلدى، قايتۇرما ھۇجۇم نەتىجىسىدە پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. قىسىملىرىمىز ھېچقانداق تالاپەتكە ئۇچرىمىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر