بىتلىستا بىر ئەسكەر ۋە بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى

بىتلىستە ئېلىپ بېرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر ۋە بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى، بەش ئەسكەر يارىلاندى.

1649960
بىتلىستا بىر ئەسكەر ۋە بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىتلىس ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قىسىملىرىنىڭ ئانادەرە يېزىسى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، بىر ئەسكەر بىلەن ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر قەھرىمان ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى، بەش ژاندارمىمىز يارىلاندى. يارىدارلار تاتۋان دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى. توقۇنۇش رايونىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايون خەلقىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن تىنچ – ئامانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەت مىقياسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ، تېررورچىلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر