شەنتوپ پاكىستان پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1649720
شەنتوپ پاكىستان پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك «رايونلۇق بىر گەۋدىلىشىش ئۈچۈن پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنى قوللاش» تېمىلىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، پايتەخت ئىسلابئابادتا پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا، ئىسلام ئەللىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، پاكىستان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتلىرىمىز ۋە خەلقلىرىمىز  ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۆزگىچە مۇناسىۋەتلەر، مۇشەققەتلىك زامانلاردا ۋە مىللىي داۋالىرىمىزدا بىر – بىرىمىزنى قوللاش ئارقىلىقمۇ  ئىسپاتلانغان مۇناسىۋەتلەردۇر. خەلقلىرىمىزنىڭ ۋەكىللىرى بولغان پارلامېنتلىرىىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە سىستېمىلىق ئۇچۇر - ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئورتاق نىشانىمىزدۇر.»

تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىقمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ھەم سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى سەلبىي نەتىجىلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئالۋى بولسا، تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئىسمى ئوخشاش بولمىسىمۇ ، لېكىن ئەسلىدە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا لاھور مەيدانىدا توپلانغان ياردەملەرنىڭ  ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە دۇنياغا ھەقىقىي ئىسلامنى تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئالۋى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە بىلەن پاكىستان بىرلىكتە ئىسلام دۇنياسىغا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر