سالاھاددىن گۈلەن چەت ئەلدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت تەشكىلاتى) كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۇغقىنى سەلاھاددىن گۈلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

1648778
سالاھاددىن گۈلەن چەت ئەلدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش دۆلەت مەسئۇللىرى ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بولغان سالاھاددىن گۈلەننىڭ، تەشكىلات كاتتىبېشىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن چەت ئەلگە قاچۇرۇۋېتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

«قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سالاھاددىن گۈلەننىڭ تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئادەملىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى دەلىللەندى.

سالاھاددىن گۈلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ چەت ئەلدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #تېررور , #گۈلەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر