چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېندىئاس بىلەن كۆرۈشتى
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، گىرېتسىيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز ھالەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز» دېدى.
1648962
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتېنادىكى زىيارىتى دائىرىسىدە ماكسىمۇ سارىيىدا گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مەنسەپدىشى نىكوس دېدىئاس بىلەن كۆرۈشتى.