مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: ئافىناغا ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن ماڭدۇق

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىناغا ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن ماڭغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز ئىجابىي شەكىلدە كۈتۈۋالغان ئىدۇق، قارشى تەرەپتىنمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەنى كۈتىمىز» دېدى.

1648255
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: ئافىناغا ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن ماڭدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئافىناغا ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن ماڭغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز ئىجابىي شەكىلدە كۈتۈۋالغان ئىدۇق، قارشى تەرەپتىنمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەنى كۈتىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ  بۇ قېتىمقى زىيارىتى دائىرىسىدە ئەڭ دەسلەپ غەربىي تراكيادىكى مۇسۇلمان تۈرك ئاز سانلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. غەربىي تىراكيادىكى زىيارىتىدىن كېيىن ئافىناغا بېرىپ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياسنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىدۇ.

گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى دېندىياس بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى مىنىستىر تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى تەرەققىياتلار بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە قاراتقان پوزىتسىيەسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا يەنە، گىرېتسىيەنىڭ دۆلەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان پوزىتسىيەسى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا 4- نۆۋەتلىك ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنى 2021-يىلى 26- مايدىن 27-مايغىچە سىنلىق كونفېرانس ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يىغىندا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىگە دائىر مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىردەك ماقۇللانغان ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 15-ئاپرېل پايتەخت ئەنقەرەدە گرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى نىكولاس دېندىياس بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر