ئەردوغان: بىر ئايدا 3 يېڭى قۇدۇقتا نېفىت بايقىدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارادېڭىزدا پەقەت بىر ئاي ئىچىدە 3 يېڭى قۇدۇقتا نېفىت بايقىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1646791
ئەردوغان: بىر ئايدا 3 يېڭى قۇدۇقتا نېفىت بايقىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ «دېموكراتىيە ۋە ئەنكىنلىكلەر ئارىلى» دا چاقىرىلغان كېڭەيتىلگەن ۋىلايەت مەسئۇللىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىقتىسادىي ساھەدە بۇ يىل ئېتىبارى بىلەن جىددىي جانلىنىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قارادېڭىزدا 405 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز بايقالغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ساھەلىرىدىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدۇق، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدىلا 3 يېڭى قۇدۇقتىن يېڭى نېفىت بايقىدۇق. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ، 2021 – يىلى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، 61 مىڭ ۋارىلدىن ئاشتى.»

يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش خىزمەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كەڭ دائىرىلىك بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئارقىلىق يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ماقۇللاتقۇزۇپ، خەلقىمىزگە سۇنالىساق، ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. نىشانىمىز، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ يېڭى ۋە پۇقراۋى ئاساسىي قانۇن پائالىيەتلىرىنى ئىجابىي، ئۈنۈملۈك ۋە سەمەمىي رەۋىشتە قوللىشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر