چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ پەلەستىن ئالاھىدە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنىڭ سىستېمىلىق ئېتنىك، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تازىلاش ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1646870
چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ پەلەستىن ئالاھىدە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەلەستىن تېمىلىق مەخسۇس يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەر ۋە مەسجىدى ئەقسادا سادىر قىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ ئىغۋاگەرچىلىكلەر (ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرى) سىستېمىلىق ئېتنىك، دىنىي ۋە مەدەنىي تازىلاش ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى» دېدى.

«ئىسرائىلىيەنىڭ جازاسىزلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ: «غەززەدىكى غەيرىي ئىنسانىي مۇھاسىرىنىڭ ھېچقانداق ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق. بۇ ئومۇميۈزلۈك جازالاش ھەرىكىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر