ئەردوغان: ئىسلام دۈشمەنلىكى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش تېز يېيىلىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ غەربنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا خۇددى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش تېز يېيىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1645438
ئەردوغان: ئىسلام دۈشمەنلىكى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش تېز يېيىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 1 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن كېيىن باشلاتقان «مۇسۇلمانلارنى شەيتانلاشتۇرۇش» ئىستىراتېگىيەسىنىڭ، كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي قۇرۇلمىسىدا ئەزىلدىنلا يىلتىز تارتىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋىرۇسىنى قوزغىتىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېخى تۈنۈگۈنگىچە <يات> قوبۇل قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئىرىقچى ئېقىملارنىڭ ئەمدىلىكتە سىياسەتنىڭ مەركەزىگە يەرلىشىشى، غەربنىڭ ئۆزى پېتىپ قالغان پاتقاقلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئورنىغا كۆمۈلۈش يولىنى تاللىغانلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆزلىرىچە مەخسۇس تىرناق ئىچىگە كىرگۈزگەنلەر، بۇ قېتىم نىشان تاختىسىغا مۇسۇلمانلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ئەركىنلىكلەر يوقالغان بىر جايدا پاراۋانلىقنىڭمۇ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت روشەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر، ئەسلىدە ئىسلامغا ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەكلىرىگە دۈشمەنلىك قىلماقتا. مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان بۇ يېڭى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، غەربلىكلەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن <ئىسلام دۈشمەنلىكى> نامى ئاستىدا يۇمشىتىلماقچى بولسىمۇ، بىز ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز.»

غەربتە بارلىق پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گويا ئىسلام دۈشمەنلىكى مۇسابىقىسىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «<ئىسلاموفوبى> غەربنىڭ بۇ تەھدىتنىڭ  تەپسىلاتلىرى ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىق ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى، ئىشنىڭ قولاي تەرىپىنى تاللاشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.»

قانچە ئەسىرلەر مابەينىدە بىۋاسىتە زىيالىيلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۆز جەمئىيەتلىرىنى ئىسلام بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرگەن تۈركلەردىن قورقۇش ئېڭى بىلەن يېتىلدۈرگەن ياۋروپانىڭ، بۇ ئارقىلىق سىياسىي چېچىلاڭغۇلۇق يول ئاچقان مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، دۇنيادىكى 7.5 مىلياردتىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ھەر بىرىگە ئىسلامنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت ئىكەنلىكىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان <ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرى>، شەكىللەندۈرۈلگۈسى ئورتاق ئېقىل مىخانىزىملىرى ئارقىلىق جارى قىلدۇرۇلۇشى لازىم.<ئىسلاموفوبى> بۇ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەلقئارا ساھەدە كۈچلۈك بىر ئۇچۇر - ئالاقە تورى ئورنىتىشلىرى شەرتتۇر. ئىسلام دۇنياسى ئۆز ئارىلىرىدا بىر گەۋدىلەشكەن تەقدىردە، ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەشتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىش مۇمكىن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋىجدان ساھىبى بولغان سىياسىيونلارنى، زىيالىيلارنى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرىنى، بۇ ئارىلىقتا ئۆزىمىزنىڭ دىنىي زاتلىرىمىزنى ئىسلام دۈشمەنلىكى كېسەللىكىگە قارشى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر