ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا «دېڭىز بۆرىسى» ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا «2021 – يىللىق دېڭىز بۆرىسى» ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى.

1645328
ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا «دېڭىز بۆرىسى» ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارت ئېيىدىكى «ماۋى ۋەتەن» ناملىق ھەربىي مانېۋىردىن كېيىن، بۈگۈن باشلانغان  «2021 – يىللىق دېڭىز بۆرىسى» ھەربىي مانېۋىرىغا، 132 پاراخوت، 10 سۇ ئاستى پاراخوتى، 43 ئايروپىلان، 28 تىك ئۇچار ۋە 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قاتناشماقتا.

ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىن سىرت يەنە، دۆلەتلىك 10 ئورگان ۋە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق سىناق قىلىنىدىكەن.

بۇ قوللاش ئارقىلىق 25 مىڭ 500 خادىمنىڭ ساھەدە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

«2021 – يىللىق دېڭىز بۆرىسى» ھەربىي مانېۋىرى، ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەدە ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىق كۆرۈش تاكتىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ھەرقايسى قىسىملار ۋە ئەترەتلەرنىڭ سۇ ئۈستى ئۇرۇشى، سۇ ئاستى مۇداپىئە ئۇرۇشى، ئېلېكترونلۇق جەڭ، دېڭىز ئاستىدىن خادىم قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى قاتارلىقلار  بۇ تاكتىكىلاردىن پەقەت بىرقانچىسى ئىكەن.

ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا 83 پاراخوت، ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا 22 پورتنى زىيارەت قىلىدىكەن.

«2021 – يىللىق دېڭىز بۆرىسى» ھەربىي مانېۋىرى،  5 – ئىيۇن كۈنى شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئالاھىدە كۆزەتكۈچى كۈنى بىلەن تاماملىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر