فاھرەتتىن كوجا: يۇقۇمنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرى بۇ يىل يازدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ۋاكسىنا كېلىشىملىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلىدى.

1643914
فاھرەتتىن كوجا: يۇقۇمنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرى بۇ يىل يازدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 100 مىليون سىنوۋاك، 120 مىليون بىئونتىچ ۋە 50 مىليون سپۇتنىك ۋاكسىنىسى ئۈچۈن كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فاھرەتتىن كوجا: «270 مىليون ۋاكسىنا، يەنى نوپۇسىمىزنىڭ 3 ھەسسىسىدىن كۆپ. بۇ كۈچكە ئىشىنىڭلار» دېدى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئەگەر نۆۋىتى كەلگەن پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ۋاكسىنا ئەملەنگەن تەقدىردە، يۇقۇمنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرىنىڭ بۇ يىل يازدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر