ئەردوغان: ۋەزىپەم ياشلارنى زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ھالقىغان سەۋىيەدە يېتىشتۈرۈشتۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەزىپىسىنىڭ ياشلارنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن ھالقىغان تالانتلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1643709
ئەردوغان: ۋەزىپەم ياشلارنى زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ھالقىغان سەۋىيەدە يېتىشتۈرۈشتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەزىپەم، ياشلىرىمىزنىڭ  يۈكىنى زىممەمگە يۈكلەش ۋە تۈرك ياشلىرىنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن ھالقىغان تالانتلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر. دەل بۇ نىشانىمىزغا يەتكەن ھامان، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشى مەن بولىمەن.»

ئۇنىڭ باياناتىدىن، 19 – ماي كۇتۇبخانا سۆھبەتلىرىنىڭ ئىككىنچىسىدە، مىللەت كۇتۇبخانىسىدا ياشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ ۋىدېئوسىدىن بىر پارچىمۇ  ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر