مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي 2 كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يېتىپ باردى.

1643581
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرجان ئايرودۇرۇمىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئوقۇۋاتقان پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىلار، تۈركىيە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ئوكتايغا مەمنۇنىيەتلىرىنى ئىزھار قىلدى.

بۇ مەمنۇنىيەتنى جاۋابسىز قالدۇرمىغان ئوكتاي بولسا، پۈتكۈل دۇنيانى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن تېرروتېرىيەلىرىدە پەلەستىنلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇم – سىتەملىرىدىن خەۋەردار قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىندە، غەززەدە، قۇددۇستا، مەسجىدى ئەقسادا، شەيخ جەررراھتا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنى تولىمۇ ئەپسۇسكى پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈت ئىچىدە كۆزەتمەكتە. تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاداققىچە سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىمىز، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاداققىچە سىلەر بىلەن بىللە، ھەممىمىز سىلەر بىلەن بىللىمىز، بۇ زۇلۇم - سىتەملەرنى ھېچكىم كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، بىز ئاداققىچە پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىمىز، نارىسىدە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرگەن، ھەر تۈرلۈك زۇلۇم – سىتەملەرنى سالغان ۋە ئىنسانلارنى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىغان زالىملارغا قارشى ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر