«ئەرەن – 8 ئامانوسلار» زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە كۆپ ساندا قورال – ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى

ئامانوس تاغلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن – 8 ئامانوسلار» زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا كۆپ ساندا قورال – ياراغ ۋە ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

1643131
«ئەرەن – 8 ئامانوسلار» زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە كۆپ ساندا قورال – ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرىنىڭ پاياس ناھىيەسىدە، «ئەرەن – 8 ئامانوسلار» زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان 2 يەر ئاستى قورال – ياراغ ئىسكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە يىمىرىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ غارلىرى، پاناھ جايلىرى ۋە بۇ يەرلەردە قولغا كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت كۆپ ساندا قورال – ياراغ ۋە ئوق – دورىلارمۇ بىر - بىرلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلىنماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر