تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە پەلەستىن كومىتېتى قۇرۇلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قارمىقىدا پەلەستىن تارماق كومىتېتى قۇرۇلدى.

1642616
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە پەلەستىن كومىتېتى قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى.

يىغىندا، تەكلىپ ئارقىلىق  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى  قارمىقىدا پەلەستىن تارماق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىندى.

تەكلىپ، كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، كومىتېت، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇملىرىنى تەكشۈرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر