ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – چاقماق» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1639825
ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇۋىلىرىغا كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋتىمىز، <پەنجە – چاقماق> ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى، ھاۋا ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى، شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمىدۇق ۋە قويمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر