ئاقار «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

30 – ئاپرېل باشلانغان «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ناملىق تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ھازىرغىچە 105 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1638927
ئاقار «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىرى كېچە بويىچە شىرناقتىكى ھەربىي ھەرىكەت مەركىزىدە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلدى.

ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ پىلان بويىچە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئاقار، 23 – ئاپرېل باشلانغان «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ھازىرغىچە 105 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، 1 – يانۋاردىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بىر تەرەپ قىلىنغان جەمئىي تېررورچىلار سانىنىڭ 1056 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشنىلارنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاقار، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلۇپ بولغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، تېررورچىلارنىڭ نۇرغۇن قورال ۋە ئوق – دورىلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ھەم دۆلىتىمىزنى ھەم ئىراقلىق قېرىنداشلىرىمىزنى تېررور بالاسىدىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر