ئىدلىبتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ «باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدىكى يۈز بەرگەن راكىتاميوتلۇق ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، تۆت ئەسكەر يارىلاندى.

1637752
ئىدلىبتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى ئارقا سەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ راكىتاميوتلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، تۆت ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى؛ يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ دەرھال دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئايرىم – ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە شېھىتلەرگە مەغپىرەت، يارىدار ئەسكەرلەرگە شىپالىق تىلىدى ھەمدە تۈرك خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر