تۈركىيە خەلقى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارشى تۈركىيە مىقياسىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

1637792
تۈركىيە خەلقى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىقياسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ شەرقىي قۇددۇسنىڭ شەيخ جەرراھ مەھەللىسىدىكى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشى جەريانىدا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى. تۈركىيە ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار «جېنىمىز، قېنىمىز ساڭا پىدا بولسۇن، ئەي ئەقسا»، «يوقالسۇن ئىسرائىلىيە» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى باشلىقى يۇنۇس گەنچ نامايىش جەريانىدا سۆز قىلىپ، مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەلازى شۆبىسىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

مالاتيادىمۇ مىڭلارچە كىشى ئاپتوموبىل كارۋىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسادىكى ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر