ئالتۇن «رادىيو بايرىمى كۈنى» نى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بارلىق رادىيو خادىملىرىنىڭ «رادىيو بايرىمى كۈنى» نى تەبرىكلىدى.

1635891
ئالتۇن «رادىيو بايرىمى كۈنى» نى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەدىكى رادىيو ئاڭلىتىش خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن 94 يىل بۇرۇن 6 – ماي كۈنىدىكى رادىيو پىروگراممىسى بىلەن باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز خەلقىمىزنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەقىقەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇش (توغرا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش) مەقسىتىدە ئاڭلىتىلىۋاتقان رادىيولىرىمىز كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بارلىق رادىيو خادىملىرىمىزنىڭ <رادىيو بايرىمى كۈنى> نى تەبرىكلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر