ئەردوغان ۋاكسىنا ۋە مىسىر توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مىسىر خەلقى بىلەن تارىختىن كەلگەن ئىتتىپاقلىقنى قايتىدىن ئىنشا قىلىشقا غەيرەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

1636071
ئەردوغان ۋاكسىنا ۋە مىسىر توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «مىسىر خەلقىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىز ئىنتايىن ئىجابىي. مىسىر خەلقى بىلەن تۈركىيە خەلقىنىڭ تارىخقا تايانغان بىرلىكتە بولۇش كەچمىشى بار. بىز مىسىر خەلقى بىلەن دۈشمەن قېرىنداشلار ئەمەس، بەلكى دوست بولۇش سۈپىتىدە، بۇ ئىتتىپاقلىقنى قايتىدىن ئىنشا قىلىشقا ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا غەيرەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاھىرەدە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال بىلەن مىسىرنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمدى ساناد لوزا باشچىلىقىدىكى ھەيئەتلەر ئوتتۇرىسىدا، ئىككى كۈن داۋاملاشقان تۈركىيە-مىسىر ئۇچرىشىشلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «يېڭى مۇساپە باشلاندى ۋە بۇ مۇساپىنى كېڭەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنالىرىغا مۇناسىۋەتلىك پاتېنت ھوقۇقى توغرىسىدا: «بىلىم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق. بىلىمدا قىزغانچۇقلۇق قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، ‹ۋاكسىنانى بىز ئىشلەپچىقاردۇق، باشقىلارغا بەرمەيمىز› دېگەن قاراش خاتا قاراش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر