تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ناملىق تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توختاۋسىز داۋام قىلماقتا.

1635676
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ناملىق تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچار، يەر تۈزۈلۈشىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بىر ۋىدېئو تارقاتتى.

ۋىدېئودا، ئەسكەرلەر بوران – چاپقۇنلۇق ھاۋادا پوستتا تۇرۇۋاتقان ئەسنادا ئارقا – ئارقىدىن چۈشۈپ ئاسماننى يورۇتقان چاقماقلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئورۇن ئالدى.

مىنىستىرلىق، قەھرىمان ۋە پىداكار ئەسكەرلەرنىڭ ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچار، يەر تۈزۈلۈشىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي، ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋىدېئو «رايوندىكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە ھەرقانداق ئەھۋال ۋە شارائىتتا تېررور ئۇۋىلىرىغا كىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئۇچۇر بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھىرلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر