تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئەڭ كۆپ ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۆتكەن
مۇشۇ يىل (2021) نىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا، تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن 27 سېكۇنتتا بىر ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۆتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ پۈتكۈل دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىگە چەكلىمىلەر قويۇلغان بولسىمۇ، مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئايلىق مەزگىلىدە تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 27 سېكۇنتتا بىر ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر كارائىسمائىلئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئۆتكەن يىلى (2020) نىڭ بېشىدىن تارتىپ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىگە بەزى چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى، ئەمما مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ترانزىت ئۇچۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىچكى لىنيەلەردە 185 مىڭ 156 ئايروپىلان سەپىرى، چەت ئەل لىنيەسىدە 84 مىڭ 201 ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن جەمئىي 385 مىڭ 40 ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۆتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن 27 سېكۇنتتا بىر ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۆتتى. ۋابا سەۋەبىدىن پۈتكۈل دۇنيادا يولۇچىلار سانى ئازايغان بولسىمۇ، يولغا قويغان تەدبىرلىرىمىز سايىسىدا يولۇچىلىرىمىز ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى ئاستىدا سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك سېلىنمىلاردىن بىرى بولغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ ئايرودۇرۇملارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، يولۇچى، ئايروپىلان ۋە يۈك توشۇشتا ياۋروپا بىرىنچىسى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. باشقا ئايرودۇرۇملىرىمىزمۇ ۋابا مەزگىلىدە مۇھىم سىناقلاردىن ئۆتتى. بۇ جەھەتتە، دۆلىتىمىز ياۋروپادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھاۋا قاتنىشى كونترول مەركەزلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ھاۋا قاتنىشى باشقۇرۇشىدا بىرىنچى بولدى ۋە بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.