سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن 5.5 مىليون يولۇچى ئۇچتى

بۇ يىل يانۋاردىن ئاپرېلغىچە ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن 5 مىليون 549 مىڭ 68 يولۇچى ئۇچتى.

1635990
سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن 5.5 مىليون يولۇچى ئۇچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى تېرمىنالى شىركىتى İSG  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 4 ئېيىدا، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىچكى لىنىيە ۋە تاشقى لىنىيەسىدىن جەمئىي 41 مىڭ 785 ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ مەزگىلدە، ئىچكى لىنىيەدە ئۇچقان يولۇچىلار سانى 3.9 مىليون، تاشقى لىنىيەدە ئۇچقان يولۇچىلار سانى 1.6 مىليونغا يەتكەن.

ئاپرېل ئېيىدا بولسا، 1.3 مىليون يولۇچى، سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇشنى تاللىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر