تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدە

تۈركىيەنىڭ يېڭىلىقچى ئاكتىپسىز ۋاكسىنىسىمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

1635231
تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ھەسەن ماندال، گەبزەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈرك ئالىملارنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى يېڭىلىقچى ئاكتىپسىز ۋاكسىنىسىنىڭمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش مەسىلىسىدە تۈركىيەدە مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماندال، 7 ۋاكسىنا تەتقىقاتىدىن ئىككىسىنىڭ نۆۋەتتە تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىرىنىڭ پات ئارىدا بىرىنچى باسقۇچ دائىرىسىدە ئەملىنىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى، ۋىرۇسقا ئوخشاش زەررىچىلەر (VLP) نى ئاساس قىلغان ۋاكسىنىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىمۇ 2 – ۋاكسىنىمىز، يەنى يېڭىلىقچى ئاكتىپسىز ۋاكسىنىمىزمۇ نۆۋەتتە  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ ناھايىتى مۇھىم. دۇنيادا كۆپلىگەن ۋاكسىنىلار تەتقىق قىلىپ ياسالماقتا، ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگىنى يوق، چۈنكى بۇ ۋاكسىنىلاردا يېتەرلىك ئېنىقلىقتىن ئەسەر يوق. بىز ۋاكسىنىمىزنى دۇنياغىمۇ ئېچىۋاتىمىز. بىز شۇنداق دەيمىزكى، بىزنىڭ ۋاكسىنىلىرىمىز يېڭىلىقچى بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر