تۈركىيەدە ئىككى قۇتا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىككى قۇتا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشتى.

1635111
تۈركىيەدە ئىككى قۇتا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «<كوۋىد – 19 يۇقۇمى> ۋاكسىنىسى ئۇچۇر سۇپىسى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەنقەرە ۋاقتى 10.30 ئېتىبارى بىلەن، 14 مىليون 352 مىڭ 956 كىشىگە، «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسىنىڭ بىرىنچى قۇتىسى،  10 مىليون 680 كىشىگە، «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككىنچى قۇتىسىنى ئەملەش خىزمىتى تاماملانغان.

شۇنىڭ بىلەن، «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسى ئەملەنگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 24 مىليون 353 مىڭ 636 گە يەتكەن.

ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسىدا نۆۋەتتە سىنوۋاك ۋە BioNTech ۋاكسىنىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى Sputnik V ۋاكسىنىسىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

18 تۈرلۈك «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولغان ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكتىپسىز ۋاكسىنىنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەتقىقاتىنىڭمۇ بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە  باشلىنىشى نىشان  قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر