مىنىستىر خۇلوسى ئاقار ئارتىس پابرىكس بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلوسى ئاقار، لاتۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتىس پابرىكس بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك كۆرۈشتى.

1635376
مىنىستىر خۇلوسى ئاقار ئارتىس پابرىكس بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقارنىڭ لاتۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پابرىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ۋە رايونلۇق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «لاتۋىيە پارلامېنتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى قارارىنى رەت قىلىمىز ۋە ئېتىراپ قىلمايمىز» دېدى.

لاتۋىيە پارلامېنتى بۈگۈن قارار ماقۇللاپ، 1915- يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر