تۈركىيە ئەزەربەيجانغا يەنە مىنا تازىلاش ماشىنىسى بەردى

تۈركىيە ئەزەربەيجانغا يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان تىزگىنەكلىك 5 دانە مىنا تازىلاش ماشىنىسى بەردى.

1634553
تۈركىيە ئەزەربەيجانغا يەنە مىنا تازىلاش ماشىنىسى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي ئەسلىھەلەر زاۋۇتى ۋە كېمىسازلىق شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان 5 دانە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان مىنا تازىلاش ماشىنىسى MEMATT ئەزەربەيجانغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ھازىرغىچە ئەزەربەيجانغا  تاپشۇرۇپ بەرگەن يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان تىزگىنەكلىك مىنا تازىلاش ماشىنىلىرىنىڭ سانىنىڭ 7 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر