چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانى داۋاملىق قوللايدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1634743
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانى داۋاملىق قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىسېرا تۈركوۋىج بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سىياسىي جەھەتتىكى مۇكەممەل مۇناسىۋەتلىرىمىزنى باشقا ساھەلەردىمۇ قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى بارلىق دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قاچان بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە خەلقىنى ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قولىمىزدىن كېلىشىچە ۋاكسىنا ياردىمىنى قىلدۇق، ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىۋاتىمىز، مىللىي ۋاكسىنالىرىمىز پات ئارىدا ئەملىنىشكە باشلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى توغرىسىدا ئوتتۇرىدا ئايلىنىۋاتقان قەغەزلەر توغرىسىدا نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ خىل مۇنازىرەلەرنىڭ رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپا ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەشنى خالايمەن» دېدى.

ئۇ تۈنۈگۈنكى (2021-يىلى 4-ماي) سىلوۋېنىيە زىيارىتىدىمۇ مەزكۇر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە سىلوۋېنىيە رەھبەرلىرىنىڭمۇ بۇ ھۆججەتلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوتتۇرىغا تاشلانغان ئىسمى يوق، يامان نىيەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىمۇ مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنى ھۇزۇرلىرىدا قوبۇل قىلدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىلوراد دودىك، كېڭەشنىڭ بوشناق ئەزاسى سەفىك دزافەروۋىج ۋە كېڭەشنىڭ خىرۋات ئەزاسى زېلجكو كومسىج قاتارلىقلار مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: « بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ سىياسىي ئىتتىپاقلىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق. دوست ۋە قېرىنداش بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانى قوللايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر