ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا 29 -  ئاپرېل (2021) ئۇجۇقتۇرۇلغان پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچىنىڭ ئۈچىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىدىكى تېررورچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

1633066
ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا 29 -  ئاپرېل (2021) ئۇجۇقتۇرۇلغان پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچىنىڭ ئۈچىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل، سېرىق ۋە كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدە ئىسمى بار تېررورچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تېررورچىلاردىن سۇنا تاشنىڭ 2011  يىلى دىيارباكىردىن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلغانلىقىنى ۋە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى مەلۇم قىلغۇچىلارغا بىر مىليون لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھانىفە ھانىبى ئىسىملىك تېررورچىنىڭ «ئاتالمىش ئامەد ئۆلكىسى، لىجە رايونى ئاياللار مەسئۇلى» بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى مەلۇم قىلغۇچىلارغا بىر مىليون لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان تېررورچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دىلان ئىسىملىك تېررورچىنىڭ بولسا، «ئاتالمىش ئامەد ئۆلكىسى لىجە رايونى» دا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى مەلۇم قىلغۇچىلارغا 600 مىڭ تۈرك لىراسى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان تېررورچى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ دىيارباكىر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر