تۈركىيە ھەيئىتى مىسىرغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە ھەيئىتى مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ.

1633074
تۈركىيە ھەيئىتى مىسىرغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت مىسىرنىڭ پايتەخت قاھىرەگە يۈرۈپ كەتتى.

پايتەخت قاھىرەدە پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە بىلەن مىسىر مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش يولىدا ئۆزئارا قەدەملەرنى تاشلىغانىدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 12 – مارت بايانات بېرىپ، مسىىر بىلەن دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۇ يەنە 10 – ئاپرېلدا مىسىرلىق مەنسەپدىشى سەمىھ شۇكرى بىلەن رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېفونلاشقانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر