ئەردوغان زاۋۇت ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى راكېتا ۋە پارتىلاتقۇچ زاۋۇتىدا ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش پائالىيىتى ۋە مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1631155
ئەردوغان زاۋۇت ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئېنىرگىيەلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەسى سايىسىدا، دۆلەت سۈپىتىدە يېڭى ئەۋلاد پارتىلاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىن دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر سېپىگە قېتىلدۇق. ئەمدى ئايروپىلان بومبىىلىرىمىز، ئوق-دورىلىرىمىز، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىز ۋە ئوق بېشىمىزنىڭ پارتلاتقۇچلىرى مەسىلىسىدە ھېچكىمگە بېقىندى بولمايمىز. چەت ئەلدىن سېتىۋېلىنغان مودۇللۇق پارتلاتقۇچ سىستېمىسى بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بىز ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى ئورگانلىرىمىزنىڭ خۇسۇسىي ساھەلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئارمىيەمىزنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئارقىلىق چەت ئەلگە بېقىنىشچانلىقىنى تۈگىتىدىغان، ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، دوستلىرىمىزغىمۇ ياردىمى تېگىدىغان قۇرۇلمىغان ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

كېيىنچە،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 4-كورپۇس قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن بىرلىكتە، ئىپتاردا ئەسكەرلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر