فىرات قالقىنى رايونىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تۆت تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1631575
فىرات قالقىنى رايونىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى، قەھرىمان كوماندىرلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى سايىسىدا بىر تەرەپ قىلىندى. رايوننىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكىنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەر داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر