چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن ھال سورىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كوۋىد – 19 يۇقۇمى داۋالىنىشى ئاخىرلاشقان ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانىف ئاتماردىن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ھال سورىدى.
1631243

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قېرىندىشىم، سەللىمازا ساقايغانلىقىڭ ئۈچۈن سۆيۈندۈم. يېقىنىدا كۆرۈشۈپ، خەلقىمىز ۋە رايونىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.