«ئەرەن جۇدى – بەستە» ۋە «ئەرەن قازان – ئوغۇل» ھەرىكەتلىرى باشلاندى

شىرناق ۋە ھاققارىدا 5 مڭ 280 ھەربىي خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن جۇدى – بەستە» ۋە «ئەرەن قازان – ئوغۇل» ھەرىكەتلىرى باشلاندى.

1630569
«ئەرەن جۇدى – بەستە» ۋە «ئەرەن قازان – ئوغۇل» ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن ھەرىكەتلىرى»، خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنجە – چاقماق» ۋە «پەنجە گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ۋە ماس قەدەمدە، دۆلەت مىقياسىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش، تېررورچىلارنىڭ ئاتالمىش پاناھ جايلىرى ئارا ئۆتۈش ئېغىزلىرىغا توسالغۇ بولۇش ۋە تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، شىرناقتا «ئەرەن جۇدى – بەستە» ۋە ھاققارىدا «ئەرەن قازان – ئوغۇل» ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلانغان.

ھەربىي ھەرىكەتلەرگە 352 ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، 5 مىڭ 280  ھەربىي خادىم قاتناشماقتا ئىكەن.

 دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە، 2021 – يىلى، 11 – يانۋار كۈنى باشلانغان «ئەرەن ھەربىي ھەرىكەتلىرى» دائىرىسىدە، ھازىرغىچە 22 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، 666 غار، پاناھ جاي ۋە ئىسكىلات يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، 75 يانتاياقچى، كۆپ ساندا ئوق – دورا، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر