ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەرىكەتتە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1628144
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «پەنچە-شىمشەك (چاقماق) ھەرىكىتى رايونىدا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان بىر قەھرىمان ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى» دېيىلدى.