كالىن: جو بايدىننىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىغا، تۈركىيەنىڭ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1628143
كالىن: جو بايدىننىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ: «جو بايدىننىڭ بۇ قورقۇنچ باياناتى ئىنتايىن چوڭ تەلەيسىزلىك ۋە ئادىل بولمىغان بايانات. بىز پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز ۋە ئەيىبلەيمىز. يەنە كېلىپ، بايانات تارىخىي ھەقىقەتلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس ۋە قانۇنى ئاساسى يوق» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مەزكۇر باياناتقا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئالدىمىزدىكى كۈن ۋە ئايلاردا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ھەر خىل دەرىجىلەردە جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ باياناتنىڭ سىياسىي جەھەتتىمۇ مەسئۇلىيەتسىز بايانات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سىياسىي جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا، بۇ مەسئۇلىيەتسىز ۋە ئىجابىيلىققا ئىگە بولمىغان بايانات. قاراباغ ئەركىنلىككە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن (2020-يىلى ئۆكتەبىر) ئەرمېنىيە بىلەن نورماللىشىش پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۈركىيە ئىچىدە بار بولغان ھېچقانداق مۇساپىغا پايدىسى يوق. ئەمما، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2005-يىلى ئورتاق كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋە بۇ كومىتېتنىڭ مەسىلىنى تەكشۈرۈشى توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ  ئەرمېنىيەنىڭ مەزكۇر چاقىرىققا، ئۆزلىرىنىڭ دەۋالىرىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى ۋە جو بايدىننىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر