فاھرەتتىن ئالتۇن ئەرمېنىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە ۋىدېئو ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەرمېنىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان ۋىدېئو ھەمبەھىرلىدى.

1627827
فاھرەتتىن ئالتۇن ئەرمېنىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە ۋىدېئو ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتون تۈنۈگۈن (2021-يىلى 24-ئاپرېل) ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئىنگلىزچە يازمىسىدا، «ASALA» ۋە «JCAG» قاتارلىق ئەرمېنىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان سىنغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىپ، مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى:

«ئەرمېنىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى سۇيىقەست، قوراللىق ھۇجۇم ۋە بومبا ھۇجۇمى قاتارلىق نۇرغۇن ھۇجۇملارنى تەشكىللەپ، تۈركىيە پۇقرالىرىدىن باشقا يەنە ئەزەربەيجان، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلىغان پۇقرانى ئۆلتۈردى. بۇ تېررورلۇقتا قۇربان بولغۇچىلارنى بۈگۈندىن باشلاپ ئىستانبۇل ۋە لوس- ئانژېلېستا ئېچىلىدىغان كۆرگەزمىلەردە خاتىرىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر