ئەردوغان بلەن بايدىن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
1627294

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۆزئارا تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىيۇن ئېيىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئايرىم كۆرۈشۈش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا يەنە، «بايدىن ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش ە بەرپاچى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 3 ئەزاسى تەسلىم بولدى
بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 3 ئەزاسى قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە تەسلىم بولدى.