تۈركىيە ئەرمەن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغان دىپلوماتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەرمەن تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغان دىپلوماتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى.
1627381
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئەرمەنلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان تۈرك دىپلوماتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ: «يالغانلار پەقەت تارىخنى بۇرمىلاش بىلەنلا قالماستىن بىگۇناھ جانلارغىمۇ زامىن بولىدۇ. ئەرمەن تېررورى شېھىت قىلغان خىزمەتداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمىدۇق، قەتئىي ئۇنتۇمايمىز. ئۇلار خاتىرجەم ئۇخلىسۇن، ھېچقانداق يالغان ۋە بېسىمغا باش ئەگمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.