قالىن: ھېچكىمنىڭ ئورتاق ئازابىمىز ۋە تارىخىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، 1915- يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا توختالدى.

1627313
قالىن: ھېچكىمنىڭ ئورتاق ئازابىمىز ۋە تارىخىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، 1915- يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «تارىخنى تار سىياسىي كۈنتەرتىپ ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ نە ئۆتمۈشكە، نە بۈگۈنىمىزگە پايدىسى يوق. بىز ھېچكىمنىڭ ئورتاق ئازابىمىز ۋە تارىخىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

ئىبراھىم قالىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئەرمەنى فوندى جەمئىيەتلىرى بىرلىكى ۋە سۇرپ بىرگىچ ئەرمەنى دوختۇرخانىسى فوندى جەمئىيىتى باشلىقى بېروس شىرىنئوغلۇنىڭ 1915- يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار باياناتىنى ھەمبەھرىلىدى.

قالىن ئۇچۇرىدا: «تارىخنى تار سىياسىي كۈنتەرتىپ ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ نە ئۆتمۈشكە، نە بۈگۈنىمىزگە پايدىسى يوق. بىز ھېچكىمنىڭ ئورتاق ئازابىمىز ۋە تارىخىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئەرمەنى فوندى جەمئىيەتلىرى بىرلىكى ۋە سۇرپ بىرگىچ ئەرمەنى دوختۇرخانىسى فوندى جەمئىيىتى باشلىقى بېروس شىرىنئوغلۇ بايانات بېرىپ: «بۇ مەسىلىگە سىياسىي مۇددىئا بىلەن ئارىلاشقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ياخشى نىيەتتىن يىراق دەپ قارايمەن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر