ئەردوغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىىغا قاتنىشىدۇ.

1626025
ئەردوغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 26 – مارت كۈنى 40 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەۋەتكەن تەكلىپنامەسىگە ئاساسەن ئامېرىكانىڭ ساھىبخانىلىقىدا بۈگۈن چاقىرىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا، ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كىلىمات پائالىيەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى پايدىلىرى، ئۆزگەرتىش تېخنولوگىيەلىرى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغان دۆلەتتىن سىرتقى ئاكتىيورلارنىڭ تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نىشانى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى، بولۇپمۇ دۇنيادىكى كاربوننىڭ % 80 نى قويۇپ بېرىدىغان، ئىچكى ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 80 نى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي كېلىمات ۋە ئېنېرگىيە مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرىنى، يىللىق يەر شارى ئىسسىپ كېتىشىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈرۈش نىشانىغا يېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتۇر.»

يىغىنغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن سىرت يەنە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە كاتولىك دۇنياسىنىڭ دىنىي رەھبىرى پاپا فرەنسىسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 دۆلەتنىڭ باشلىقى ئىشتىراك قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دەسلەپكى ئولتۇرۇشىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان يىغىننىڭ ئېچىلىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھاررىس تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر