تۈركىيە قىبرىسقا يەنە 40 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا يوللىدى

تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە 40 مىڭ قۇتا سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئەۋەتتى.

1624560
تۈركىيە قىبرىسقا يەنە 40 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، بۇ قېتىم يوللىغان 40 مىڭ قۇتا ۋاكسىنىنى قوشقاندا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە جەمئىي 140 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا يوللىغان بولدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسان سانەر تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرىشىمىزنى خەلقىمىز ۋە تۈركىيەنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارماقتىمىز. بۈگۈن كېچە ئانا ۋەتەن تۈركىيەدىن يەنە 40 مىڭ قۇتا سىنوۋاك ۋاكسىنىسى يۇرتىمىزغا كېلىدۇ. ئانا ۋەتەن تۈركىيەگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ئۈتۈنىمەنكى، بەلگىلىمە ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلايلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر