باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، تانجۇ بىلگىچنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بولۇپ  بۈگۈن ۋەزىپىە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1624946
باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تانجۇ بىلگىچتىن ئىلگىرى ھامى ئاقسوي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە ئىدى.

تانجۇ بىلگىچ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە 1995-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت باشلىغان ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئوخشىمىغان قاتلاملاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن تانجۇ بىلگىچ 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇر ئىشلىرى مۇئاۋىن دېرىكتورى ۋە مىنىستىرلىق باياناتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.

تانجۇ بىلگىچ 2016-يىلىدىن 2021-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىيەنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.

تانجۇ بىلگىچ ۋەزىپە ئۆتىگەن باشقا دۆلەتلەر  ئارىسىدا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، دانىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر