تۈركىيەدە بۈگۈن 341 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 341كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1624347
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 341كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 36 مىڭ 267گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 318 مىڭ 869 ئادەمنىڭ 2 مىڭ 862 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 55 مىڭ 149غا يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 48مىڭ 947 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 3 مىليون 736مىڭ 537گە يەتتى.