تۈركىيە مىسىرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە مىسىردا يۈز بەرگەن پويىز قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە  باياناتى ئېلان قىلدى.

1623858
تۈركىيە مىسىرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، تۈنۈگۈن مىسىرنىڭ قەليۇبىيە ۋىلايىتىنىڭ تۇھ رايونىدا يۈز بەرگەن پويىز قازاسىدا 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق، دوست ۋە قېرىنداش مىسىر خەلقى بىلەن مەرھۇملارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەم يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۇھ شەھىرىدە قاھىرە-مەنسۇرا ئارىلىقىدا قاتناۋاتقان پويىز يولۇققان قازادا 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 98 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر