شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1623971
شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا، چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 9 تېررورچى، ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن،  بىتلىس ۋىلايىتىنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بىر ئىسكىلاتتىن 500 گىرام TNT  قېلىپى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاتۋان جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، دەلىل – ئىسپات خاراكتېرلىك ماتېرىياللار مۇداپىئە ئاستىغا ئېلىنغان، باشقا ماتېرىياللار بولسا ئۆز جايدا بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىسكىلات يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر