كانادا تۇرۇشلۇق  تۈركلەر ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلدى

كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشايدىغان تۈركلەر فىترە توپلاش ئارقىلىق ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار تۇرۇشلۇق باڭلادېشنىڭ كوكس بازىرى رايونىدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرلىرىدا ئىفتارلىق پوسولكا تارقىتىپ بەردى.

1623414
كانادا تۇرۇشلۇق  تۈركلەر ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىشخانىسى ئادانادا تۇرۇشلۇق ئىنفاق جەمئىيىتىنىڭ كانادا ۋەكىلى چەنگىز كوچاك ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرى ئارقىلىق سەپەرۋەرلىك باشلىغانلىقىنى ۋە رامىزان باشلانغاندىن بۇيان 2 مىڭدىن ئارتۇق ئىفتار پوسولكىسى تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ياشايدىغان چەنگىز كوچاك ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تورونتو، خامىلتون ۋە ۋانكوۋېر قاتارلىق شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق تۈركلەرنىڭمۇ فىترىلىرىنى ئاراكانلىقلارغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاراكاندا مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېشىشىشغا ئەگىشىپ، ئاراكان مۇسۇلمانلىرى قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

2017-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن كېيىن، ئاراكاندىكى زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، باڭلادېشتا پاناھلانغانلارنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر