مەۋلۈت چاۋغۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراپ يولغا چىقتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراپ يولغا چىقتى.

1622368
مەۋلۈت چاۋغۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مىللىي دەۋايىمىزنى يېڭىچە قاراش بىلەن قوغداش ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، 27 – ئاپرېلدىن 29  -  ئاپرېلغىچە شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رىياسەتچىلىكى، كاپالەتچى دۆلەتلەر (تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە)نىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلىدىغان قىبرىسقا مۇناسىۋەتلىك 5+1 (شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە رىم تەرەپ) غەيرىي رەسمىي يىغىندىن ئىلگىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر